ئېچىنارلىق! گۇاڭشىدىكى تۆت نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دەرياغا چۈشۈپ سۇ ئۈزگەندە بەختكە قارشى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتتى

2026.04.13 14:29 مەنبە: خەلق تورى

گۇاڭشى ۋۇجوۋ شەھىرى تېڭشيەن ناھىيەسى شياڭچى بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 16 لەردە، يۈلىن شەھىرى رۇڭشيەن ناھىيەسى شيەندى بازىرىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۆت ئوقۇغۇچىسى شياڭچى بازىرى بېيليۇخې دەرياسىدىكى بىر تەبىئىي سۇ رايونىدا سۇ ئۈزۈۋېتىپ بەختكە قارشى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتتى. نۆۋەتتە، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، دەم ئېلىش ۋاقتى كۆپەيدى، ھەرقايسى مەكتەپلەر سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى سىجىل كۈچەيتىشى، كەڭ ئاتا-ئانىلار ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، بالىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيەسى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ