«شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2026.04.13 14:26 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز چېڭ چېن، لۈ لى، ۋاڭ يۈنشەن

بۇ يىل 3 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغان ۋە شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئاقىل شەھەر باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك.»

باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلق شەھىرى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، <ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش> قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى پۇختا ھەل قىلىش كېرەك.»

شەھەر زامانىۋىلىشىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، خەلق بەختلىك ياشايدىغان گۈزەل ماكان. «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «شەھەرنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادىي، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، گۈزەل، ئەۋرىشىم، مەدەنىي، ئاقىل زامانىۋىلاشقان خەلق شەھىرى قۇرۇش كېرەك.»

باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2015-يىلى مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا «جۇڭگوچە شەھەر تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىش»نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ، 2025-يىلى مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا «شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش»نى تەكىتلىگەنگە قەدەر؛ 2019-يىلى شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا «خەلق شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەش»نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ، 2025 ـ يىلى لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە بېرىپ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا، شەھەر يېڭىلاشتا «ھەممىدە خەلققە قولاي يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەنگە قەدەر. ..باش شۇجى خەلق ئاممىسىنىڭ شەھەردە راھەت تۇرمۇش كەچۈرگەن-كەچۈرمىگەنلىكى، تۇرمۇشىنىڭ قولاي بولغان-بولمىغانلىقىغا باشتىن ـ ئاخىر كۆڭۈل بۆلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ھەم تومۇرداش، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. «زامانىۋىلاشقان خەلق شەھىرى قۇرۇش» شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

2025-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا، شەھەر خىزمىتىگە دائىر يەتتە جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى: زامانىۋىلاشقان شەھەر سىستېمىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇش، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭىلىق يارىتىش شەھىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، ئازادە، قولايلىق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق گۈزەل شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولغان ئەۋرىشىم شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، ئەخلاق-پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان مەدەنىي شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاقىل شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش.

يېڭى يول «يىرىك كېڭەيتىش، ئادەم بىلەن يەر تەڭپۇڭسىز بولۇش، مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش»تەك كونا يولغا قارىتا ئېيتىلغان. دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىشىشى تېز ئېشىش مەزگىلىدىن مۇقىم تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە، شەھەر تەرەققىياتى كەڭ كۆلەمدە ئېشىش، كېڭىيىش باسقۇچىدىن ساقلانما مىقدارنىڭ سۈپەت-ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئاساس قىلىنغان باسقۇچقا ئۆتمەكتە. ئىككى قېتىملىق مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنى ئون يىلنى ھالقىپ ئۆتۈپ، يېڭى تارىخىي ئورۇننى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى باسقۇچنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. زامانىۋى خەلق شەھىرى قۇرۇشتا، زور ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، «ئىككى بۇرۇلۇش»قا پائال يۈزلىنىپ، ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

«ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش» دېگەن نېمە؟ شەھەرنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش؛ شەھەرنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش؛ شەھەرنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزگىچە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش؛ شەھەر خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئۆزگەرتىپ، ئىدارە قىلىش سېلىنمىسىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش؛ شەھەر خىزمىتى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش − «بەشنى ئۆزگەرتىش، بەش تېخىمۇ» زامانىۋى خەلق شەھىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ بەردى.

زامانىۋى خەلق شەھىرىنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ 2025-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا «لىنىيە جەدۋىلى»، «قۇرۇلۇش چېرتيوژى» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇنىڭدا «قانداق قاراش»مۇ، «قانداق ئىشلەش»مۇ بار، ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا.

مەۋقەنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «شەھەر تەرەققىياتىنىڭ جۇڭگوچە يولىنى ئېچىش»تىن «شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يېڭى يولىنى ئېچىش»قىچە، ئۆزگەرمىگىنى «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك» بولدى. بۇ دۆلىتىمىز شەھەر تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ شەھەر خىزمىتىدىكى جانلىق ئىپادىسى. شەھەر قۇرۇلۇشىمىزدا دەرۋەقە چەت ئەللەرنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، لېكىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «قۇرۇلۇش لايىھەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر ئىمارەتلىرىدە جۇڭخۇا ئېستېتىكىسى ۋە دەۋر كەيپىياتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.»

ئىلمىي ئۇسۇلنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزدە 690 دىن ئارتۇق شەھەر بار، تەبىئىي بايلىق كۆپ خىل، ئامىل ئەۋزەللىكى كۆپ خىل، مەدەنىيەت خاسلىقى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ھەرقايسىسى ئۆز ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈپ، پەرق ئىچىدىن ئورۇننى دەل جايىدا تاپقاندىلا، مۇۋاپىق تۇپراقتا ئۇرۇق يېتىشتۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، جېجياڭنىڭ يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى.

ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. شەھەر خىزمىتى چىگىچ، مۇرەككەپ بولىدۇ، مۇھىمى قانۇنىيەتنى بىلىش، قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش، «سىياسىي نەتىجىدىن ھاياجانلىنىش»نى تۈگىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان، شارائىت پىشىپ يېتىلسە، ئىش ئۆز-ئۆزىدىن ھەل بولىدىغان جەريان، جەزمەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشقا، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ»، «بەزى ئىشلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىش، بەزى ئىشلاردا بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك».

شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. توغرا كۆرگەن ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك، خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تارىخىي سەۋرچانلىق بىلەن شەھەر مەدەنىيلىكىنى يېتىلدۈرگەندىلا، زامانىۋى خەلق شەھىرى قۇرۇلۇشىدا يېڭى سەھىپىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىققىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ