
ئامېرىكا ئاقساراي ئاخبارات كاتىپى لېۋىت 4-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن ئىران 4-ئاينىڭ 11-كۈنى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا تۇنجى نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
لېۋىت شۇ كۈنى ئاقساراينىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق جاكارلىدى: ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ۋانس، زۇڭتۇڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ۋىتكوف ۋە ترامپنىڭ كۈيۈئوغلى كۇشنا باشچىلىق قىلىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك سۆھبىتى شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئامېرىكا تەرەپ «بۇ قېتىمقى يۈزتۇرا سۆھبەتنى كۈتمەكتە».
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ