9-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2026.04.10 15:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېمىسىدىكى 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 6 -ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ئاسىيا-ياۋروپا رايونىغا يۈزلەنگەن دۆلەت دەرىجىلىك، خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن يۇقىرى قاتلام دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. 2011-يىلىدىن بۇيان، كۆرگەزمە سەككىز نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، ئاسىيا - ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتتى، كۆرگەزمە كۆلىمى تۇنجى نۆۋەتتىكى 80 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن 140 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيدى، جەمئىي 120دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون، 70تىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك 1000دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمىنى، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى 15 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا ۋە 140 مىڭ سودىگەر كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتناشتى، نەق مەيداندا كۆرگەزمىنى كۆرگەنلەر 2 مىليونغا يېقىن ئادەم قېتىم بولۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا رايونىنىڭ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ