ئاپتونوم رايون مالىيەسى چۈشۈرگەن يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلى 2 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2026.04.10 15:14 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى 2026 - يىللىق يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلى مەبلىغىدىن 2 مىليارد 409 مىليون يۈەن چۈشۈرگەن بولۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ياردەم پۇلى مەبلىغى 1 مىليارد 609 مىليون يۈەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم پۇلى مەبلىغى 800 مىليون يۈەن. بۇ مەبلەغنىڭ چۈشۈرۈلۈشى 2026 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

مەركەز مالىيەسى ھەم ئاپتونوم رايون مالىيەسى سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغان يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ نىشانى دۆلەت ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئاشلىق، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەم ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بولىدۇ؛ يەرلىك ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسىغا قارىتا، ياردەم پۇلى ئورنىغا مۇكاپات بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق مەدەت بېرىلىدۇ.

كونكرېت سۇغۇرتا نىشانى شال، بۇغداي، قوناق، كېۋەز، ياڭيۇ، ياغلىق دان زىرائىتى، شېكەر ماتېرىياللىرى زىرائىتى، ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائىتى(شال، بۇغداي، قوناق)نىڭ ئۇرۇقلۇقىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تېرىقچىلىق سۇغۇرتا نىشانى، كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە مېكىجىن، بوردىلىدىغان چوشقا، سۈت كالىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈردىكى باقمىچىلىق سۇغۇرتا نىشانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ياڭاق، چىلان، ئۆرۈك، ئۈزۈم، ئالما، باداملىرى يەرلىك ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتا كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەركەز مالىيەسى ھەم ئاپتونوم رايون مالىيەسى سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىگەن يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى ئاساسلىقى تەبىئىي ئاپەت، زور كېسەللىك - ھاشارات ئاپىتى ۋە چاشقان زىيىنى، ھايۋانات كېسەللىكى ۋە يۇقۇمى، كۈتۈلمىگەن ھادىسە، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش قاتارلىق خەۋپ - خەتەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ شارائىتى بار رايونلار يەنە مەھسۇلات مىقدارى، ھاۋارايى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا كىرگۈزۈش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ