پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى تېببىي دورا ساختا تەشۋىقات ئېلانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تازىلىدى

2026.04.10 15:13 مەنبە: خەلق تورى

رادىيو-تېلېۋىزىيە تېببىي دورا ئېلانلىرىدا بىرمەھەل ساقلانغان ساختا تەشۋىق قىلىش، كۆپتۈرۈش، داۋالاش ئۈنۈمىنى ئىسپات قىلىش، ساقىيىش نىسبىتى، ئۈنۈمىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىگە قارىتا، دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 2025-يىل 8-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، ئەرزنى قوبۇل قىلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ھۆكۈم قىلىپ بېكىتىش، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېلانلارنى ۋاقتىدا بايقاش، توغرا پەرقلەندۈرۈش، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى تېببىي دورا ساختا تەشۋىقات ئېلانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تازىلىدى.

كېيىنكى قەدەمدە، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئۆلكە دەرىجىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆزىتىپ ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، تېلېفون، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى، ئورگان تورى، ۋېيشىن سالونى قاتارلىق ئېلان ئەرزلىرىنى قوبۇل قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ ھەمدە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مەركەزلىك تۈزەش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، مەسىلىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ