
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، داشياۋ جاڭ شياۋگاڭ يېقىندا ئارمىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلغان.
مۇخبىر: خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى «دۈشمەن بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى»نى ھازىرلىغان يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان، بەزى تەھلىلچىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان مۇددىئاسى ئېنىق، دەپ قارىغان. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟
جاڭ شياۋگاڭ: ياپونىيە «قايتا ھەربىيلەشتۈرۈش» يولىدا شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كونتروللۇقىنى يوقىتىش خەۋپىگە تېز يۈزلەنمەكتە، بۇ «تىنچلىق ئاساسىي قانۇنى»نىڭ چەكلىمىسى ۋە «مەخسۇس مۇداپىئەلىنىش» پىرىنسىپىدىن پۈتۈنلەي چەتلىگەنلىك بولۇپ، ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. ياپونىيەنىڭ «يېڭى تىپتىكى مىلىتارىزمى» ئەۋج ئېلىپ ئاپەتكە ئايلىنىپ، «ياۋۇز يولۋاس» قەپەستىن چىقسا جەزمەن ھەر تەرەپكە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا ياپونىيە خەلقىنى ئاپەت گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇشى كېرەك. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، جاھالەت بىر گەز ئۆرلىسە، ئادالەت مىڭ گەز ئۆرلەيدۇ، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ تەھدىت سېلىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا تاقابىل تۇرۇش، تاجاۋۇزچىلارنى بەرداشلىق بەرگۈسىز بەدەل تۆلەتكۈزۈش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتتە يېتەرلىك ئىقتىدارى بار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ