ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆگىنىش-تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى −

دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش (توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش)

2026.04.10 15:10 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرى

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيە قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇپ، پائال ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش، قېتىرقىنىپ ئەمەلىي ئىشلىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولدى.

مۇھىم نۇقتىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەش

جياڭشى جيۇجياڭ شەھىرى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيەتنى چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش كۇرسى، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، 11 مىڭ 700 پارتىيە تەشكىلاتى، 232 مىڭ 800 دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئاڭلىق تۇرغۇزۇشى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولدى.

لەنجوۋ داشۆسى رەھبەرلىك بەنزىسى ئايرىم-ئايرىم باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، مەركەزلىك ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىدىيەۋى ئالاھىدىلىكىگە قارىتا تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇشقا يېتەكلىدى.

جۇڭگو خۇاديەن پارتىيە گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ۋە پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش-مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، «شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نى تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا «بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش» ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەسلىي ئەسەرنى ماددىمۇماددا ئوقۇش بىلەن پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئەزالىرى نۇقتىلىق سۆز قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي نەتىجىنى «چوڭ دۆلەت ئاشلىق ئامبىرى»نى ساقلاش، ياخشى باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىدە نامايان قىلىشقا يېتەكلىدى.

جۇڭگو تەيپىڭ سۇغۇرتا گۇرۇھى ئۆگىنىش-تەربىيە بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى تەسىس قىلدى، بەنزە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شەخسلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشىنى پۇختا تۇتتى؛ ھەرقايسى تارماق شىركەتلەرنىڭ پارتىيە كومىتېتلىرى ماس قەدەمدە مۇزاكىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش قاتارلىق ئاساسلىق مەسىلىلەر تىزىملىكىگە سېلىشتۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەنبەنى تەكشۈرۈپ، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشكە تەشكىللەپ، تەلەپچان، پۇختا ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەۋى كوردىناتنى توغرىلىدى.

شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش

سىچۈەن داجوۋدا شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجە تەڭ قەدەمدە رەھبىرىي كادىرلار كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىپ، مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچىلارنى نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ سۈپەتلىك دەرسلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆز جايىنىڭ ئۆزگىچە مىساللىرى قاتارلىق بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭىتىش جەھەتتە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى، ئۆگىنىش-تەربىيەگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىي شۆيۈەن) لىرىنىڭ ئاساسىي كۇرسىغا كىرگۈزۈپ، دىققەتنى ئوخشاش بولمىغان قاتلام، دەرىجە، ئوخشاش بولمىغان ساھەدىكى كادىرلارنى تۈرگە ئايرىپ ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى تەسىس قىلىشقا مەركەزلەشتۈردى.

جياڭسۇنىڭ سۇچيەن شەھىرى سۇچېڭ رايونىدا، 1320 پارتىيە تەشكىلاتى، 29 مىڭ پارتىيەلىك كادىر «1-قارالما» بويىچە يېتەكلەپ ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش، نەق مەيدان ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا نەق مەيداندا ھېس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ نەتىجىلىرىنى خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى سوراشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئالتە چوڭ تۈردىكى 84 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىپ، تۈرمۇتۈر تۈرتكە بولۇپ ھەل قىلدى.

لياۋنىڭ داليەن شەھىرىنىڭ جۇڭشەن رايونى «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىن باشلاش، مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، نەق مەيداندا ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ھېس قىلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى تاۋلاشقا يېتەكلىدى. شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە مەركەزلىك ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش دەرسخانىسىنى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش نەق مەيدانىغا ۋە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە كۆچۈرۈپ، سودا مۇھىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، شەھەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ قانات يايدۇرۇپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەربىيەلەشتە چىڭ تۇردى.

جۇڭگو سىرەك توپا گۇرۇھى مەسئۇلىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، دىققەتنى بايلىق كاپالىتى، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، كەسىپ زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلەشتۈرۈش، تىزىملىكلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.

ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىش

«پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، غەم-ئەندىشىمىزنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ، نەق مەيداندا ئىلتىماس-تەلەپلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، بىزگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى» دېدى يۈننەن ۋېنشەن جۇاڭزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بىر كارخانىنىڭ مەسئۇلى. ئۆگىنىش-تەربىيە قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ۋېنشەن ئوبلاستى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كارخانا تەرەققىياتىدىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەتلەپ، مەسىلە، ئىلتىماس-تەلەپ تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، كۆرسەتمە بېرىپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ باشقۇردى.

«ئىشتىن چۈشۈپ ئۈلگۈرۈپ كەلسەم دەل ۋاقتىدا بېجىرەلەيدىكەنمىز، بەك ياخشى ئىكەن!» دېدى سەنشى تەييۈەن شەھىرىدىكى بىر «كېچىلىك كىنىشكا بېجىرىش مەخسۇس مەيدانى»دا كىملىك كەسپىنى بېجىرىپ بولغان بىر داشۆ ئوقۇغۇچىسى. تەييۈەن شەھىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىلىرى، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، «كېچىلىك كىنىشكا بېجىرىش مەخسۇس مەيدانى»، «ھەپتە ئاخىرىدىكى نوپۇس كۆزنىكى» تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدۇردى.

جۇڭگو ئاۋىياتسىيە موتورى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، AEP 100 سۇيۇق ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق تۇربىنىلىق موتورنى ئوت ئالدۇرۇش ۋە ئىقتىدارىنى تەڭشەش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىلغار ئاۋىياتسىيە تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

جۇڭگو زىخۇەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۆگىنىش-تەربىيەنى مەركىزىي خىزمەت بىلەن چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، باش ئىشتاب خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، پارتىيە تەشكىلاتى ئاساسىي تەربىيەلەش مېخانىزمى نازارەت قىلىش، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر پۈتۈن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش-تەربىيە نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئومۇمىي خىزمەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

جۇڭگو ئېلېكتر قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكىرىگە سېلىشتۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى سىياسىي نەتىجە كوردىناتىنى توغرىلاشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر، «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋە ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ