گوۋۇيۈەن «جۇڭگو (ئىچكى موڭغۇل) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2026.04.10 15:08 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن «جۇڭگو (ئىچكى موڭغۇل) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئومۇمىي لايىھە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«ئومۇمىي لايىھە»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىچكى موڭغۇل ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى موڭغۇلغا يۈكلىگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «15-بەش يىل»دىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىچكى موڭغۇل ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا بويىدىكى مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، «ئۈلگىلىك ئاپتونوم رايون» قۇرۇشقا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىش كېرەك.

«ئومۇمىي لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىچكى موڭغۇل ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ئىسلاھاتتا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا تۇنجى ئىجادىي، توپلاشتۇرۇلغان، پەرقلىق ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. چېگرا ئاھالىلىرى سودا بازىرىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كۆپ ساھەدىكى تاشقى ئالاقىنى كېڭەيتىش قاتارلىق 19 جەھەتتىكى ئىسلاھتتا يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«ئومۇمىي لايىھە»دە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىخچام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى، ئادىل، ئاشكارا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان قانۇنچىللىق مۇھىتىنى، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن باشقۇرۇش قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋە ئالاقىدار تارماقلار خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونى خىزمىتى تارماقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى مېخانىزمىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ