شى جىنپىڭ تۆت قاتناش داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

غەربىي قىسىمغا كۆچۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

2026.04.09 15:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جاۋاب خەت

شاڭخەي قاتناش داشۆسى، شىئەن قاتناش داشۆسى، شىنەن قاتناش داشۆسى، بېيجىڭ قاتناش داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا:

خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. سىلەر تۆت ئالىي مەكتەپنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، بۇ يىل مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدىڭلار، بۇ يەردە بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلەيمەن.

سىلەرنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەمەلىي بىلىم ئېلىش، ئەمەلىي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، غەربىي قىسىمغا كۆچۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2026 - يىلى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي قاتناش داشۆسى، شىئەن قاتناش داشۆسى، شىنەن قاتناش داشۆسى، بېيجىڭ قاتناش داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىلەر تۆت ئالىي مەكتەپنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، بۇ يىل مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدىڭلار، بۇ يەردە بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلەيمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىلەرنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەمەلىي بىلىم ئېلىش، ئەمەلىي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، غەربىي قىسىمغا كۆچۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شاڭخەي قاتناش داشۆسى، شىئەن قاتناش داشۆسى، شىنەن قاتناش داشۆسى، بېيجىڭ قاتناش داشۆسىنىڭ ئاساسى ئايرىم - ئايرىم 1896 - يىلى قۇرۇلغان نەنياڭ گۇڭشۆ مەكتىپى، بېيياڭ تۆمۈريول گۇەنشۆتاڭ مەكتىپى ۋە 1909 - يىلى قۇرۇلغان تۆمۈريول باشقۇرۇش بويىچە ۋارىسلىق قىلىش - ئۆگىتىش ئورنى بولۇپ، 1921 - يىلى بىرلەشتۈرۈلۈپ قاتناش داشۆسى بولۇپ قۇرۇلغان. يېقىندا، تۆت قاتناش داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مەكتەپنىڭ 130 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ