
غەربىي شىمال داشۆسى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: يېقىندا، مەكتەپ توردا بۇ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جيا XX نىڭ ئىلمىي ماقالىنى كۆچۈرۈپ يېزىشقا چېتىشلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئىنكاسلارغا دىققەت قىلدى، مەكتەپ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى باشلىدى.
غەربىي شىمال داشۆسى ئىلىمدە دۇرۇس بولماسلىق قىلمىشلىرىنى «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ياخشى ئىلىم ئابرۇيى ۋە ئىلىم كەيپىياتىنى قوغدايدۇ.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ