
كىملىكنىڭ ۋاقتى توشۇپ ئالماشتۇرغاندا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنىمۇ بىللە ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئورگان تەرەپ ۋېيشىن سالونى ئارقىلىق بۇنىڭغا جاۋاب بەردى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:
كىملىكنىڭ ۋاقتى توشۇپ ئالماشتۇرغاندا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى چوقۇم بىللە ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا خاتىرىلەنگەن ئىسىم-فامىلىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرى، سۈرىتى، مۇلازىمەت بانكىسى قاتارلىق ھالقىلىق ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولغاندىلا، ئاندىن ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش تەرتىپى بويىچە يېڭى كارتا بېجىرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر كىملىكنىڭ مۇددىتى توشۇپ، يۇقىرىقى ئۇچۇرلار ئۆزگەرتىلمىسە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كارتا ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز. لېكىن كىنىشكىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىدىكى پەرق قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغاچقا، بانكا مۇلازىمەت يولى ئارقىلىق كىنىشكا ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ، كارتا ئالماشتۇرۇشقا چېتىلمايدۇ. كارتا ئالماشتۇرۇش تەرتىپى يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىش بىلەن بىردەك بولۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا «دەرھال ئېلىش» مۇلازىمىتىنى قوللايدۇ.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ