چۈەن خۇڭچەن تور زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان دەپ گۇمان قىلىنغان، تۇرۇشلۇق مەشىق مەركىزى ساقچىغا مەلۇم قىلغان

2026.04.09 15:56 مەنبە: خەلق تورى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئېرشا تەنتەربىيە مەشىق مەركىزى ۋېيشىن سالونىدا 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىندا، مەركىزىمىزنىڭ سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى چۈەن خۇڭچەننىڭ تور زوراۋانلىقىغا ئۇچراش ئىشى جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى، مەركىزىمىز گۇڭئەن ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلدى. چۈەن خۇڭچەن دۆلەت ئۈچۈن شان-شەرەپ قازانغان ياش تەنھەرىكەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا تېگىشلىك بولمىغان ئاممىۋى پىكىر بېسىمى ۋە روھىي زەخىمگە ئۇچرىدى، مەركىزىمىز بۇنىڭغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

يازمىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەنھەرىكەتچىلەر دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، تەنتەربىيە روھىنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەر ۋە تارقاتقۇچىلار، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ھەرقانداق نام بىلەن يامان غەرەزدە داغ تەگكۈزۈش، ھاقارەتلەش، تىللاش، يالغان ئۇچۇر تارقىتىش قىلمىشلىرى بىردەك قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ تۆۋەن چېكىدىن ھالقىپ كەتكەن. بۇ خىل قىلمىش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نورمال مەشقى ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر دەخلى قىلىپلا قالماي، ئادىل، ساغلام، ئىجابىي تەنتەربىيە ئېكولوگىيەسىگە تېخىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ