
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بىرلىكتە خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئېلان قىلدى. ئىزاھاتتا ھازىرقى باسقۇچتىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالاش ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنى قانداق توغرا تەتبىقلاش، جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى قانداق توغرا ئىگىلەش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ھەر دەرىجىلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ قانۇننى قانۇن بويىچە تەتبىقلاپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە تېخىمۇ توغرا، ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتى جەمئىي يەتتە ماددا بولۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلان بۆلمىسىنىڭ ئىشىكىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېچىش، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلان بۆلمىسىدە ئۇرۇشۇش قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان خەلق ئاۋىياتسىيەسى «ئايروپىلانىدا جېدەل چىقىرىش» جىنايى قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان ساختا، تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، قەستەن تارقىتىش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاش گەۋدىلەندۈرۈلگەن ھەم خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى رايون بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ