
مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى چىراي تونۇتۇپ چىقىم قىلىش، بىر كود ئارقىلىق چىقىم قىلىش، كۆچمە چىقىم قىلىش، ئىناۋەتلىك چىقىم قىلىش قاتارلىق قولاي چىقىم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇرۇپ، بىرتۇتاش غەملىنىدىغان 119 رايوننى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالغا سىلجىتىدىغان رايون قىلىپ تاللاپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇشى-قاترىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدىكەن.
بۇ يىل 1 ـ ئايدا، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ھۆججەت ئېلان قىلىپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، ھەق تاپشۇرۇشىدىكى «كۆپ قېتىم ئۆچرەتتە تۇرۇش»، «ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇش» قاتارلىق توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈچ يىل ئەتراپىدا بىخەتەر، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پىشىپ يېتىلگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن قولاي چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ