
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، 4-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانىس بىلەن تېلېفونلاشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت قالايمىقانلىشىپ گىرەلىشىپ كەتتى، دۇنيا ئىقتىسادى جۇغراپىيەلىك داۋالغۇش، قورۇقچىلىق قاتارلىقلارنىڭ سىجىل زەربىسىگە ئۇچرىدى. جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە ئۆزئارا مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، تىرىشىپ ياخشى كەيپىيات يارىتىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئاۋسترالىيە تەرەپ بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغداپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ قۇۋۋەت قوشۇپ، رايون ۋە دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىققا ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ناھايىتى كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا يەنە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ بار. «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، ئاھالە ئىستېمال نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئېھتىياجى سىجىل قويۇپ بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ چوڭ بازىرى باشتىن-ئاخىر دۇنياغا ئېچىۋېتىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، ئاۋسترالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز سىغىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بازار پىرىنسىپى بويىچە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قاراپ چىقىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇزاكىرىسىنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ئەلا تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ يېشىل ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، جۇڭگو تەرەپ ئاۋسترالىيە تەرەپ بىلەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئېنېرگىيە ساقلاش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېشىل ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى زورايتىشنى خالايدۇ.
ئالبانىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇقىم، پىشىپ يېتىلگەن ۋە مول ئىجابىيلىققا ئىگە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشتىن-ئاخىر كۈچ چىقىرىدۇ. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئاۋسترالىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئاۋسترالىيە تەرەپ ئۇزاقتىن بۇيان بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، بىز جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سودا، سېلىنما، كانچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئاۋسترالىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. مەن جۇڭگوغا بېرىپ 2026-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاۋسترالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ