جۇڭگو ۋەكىلى: قورال كۈچى ئىشلىتىشكە يوچۇق ئېچىشقا بولمايدۇ

2026.04.08 15:16 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سۇڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويغاندىن كېيىنكى چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھەرىكىتىدە ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك، ھوقۇق بېرىلمىگەن ھەربىي ھەرىكەتكە قانۇنلۇق نىقاب كىيدۈرمەسلىك، قورال كۈچى ئىشلىتىشكە يوچۇق ئېچىپ بەرمەسلىك كېرەك، زىددىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ھورمۇز بوغۇزىغا ئالاقىدار بىر تۈرلۈك قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى، 11 ئاۋاز قوشۇلدى، پاكىستان بىلەن كولومبىيە ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە قارشى بېلەت تاشلىدى، قارار لايىھەسى ماقۇللانمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ