
بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئاھالىلەرنىڭ سۇ، توك، گاز ھەققى قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزىدى
مۇخبىرنىڭ بۈگۈن ئىگىلىشىچە، 2025-يىل 5-ئايدىن 2026-يىل 1-ئايغىچە، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان سۇ، توك، گازنى ئۆلچەش توغرا بولماسلىق، ھەق ئېلىش قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك ئاغرىق نۇقتىلىرىغا قارىتا، «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككىنى بىۋاستە قىلىش»، «قايتا تەكشۈرۈش» قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئاھالىلەرنىڭ سۇ، توك، گاز مىقدارىنى ئۆلچەش ۋە ھەق ئېلىش مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سائەت ئورنىتىشتىن بۇرۇن تۇنجى قېتىم تەكشۈرمەسلىك، باھانى ئېنىق يېزىش قېلىپلاشماسلىق، ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھا ۋە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىنى ئىجرا قىلماسلىق قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش قىلمىشى بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان سۇ، توك، گاز ئاممىۋى كارخانىلىرىغا قارىتا، «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن ھەق قايتۇرۇش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ جەمئىي 301 مىليون يۈەن ھەقنى قايتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سۇ، توك، گاز ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ دېلودىن تەخمىنەن 14 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، جەرىمانە قويۇش، مۇسادىرە قىلىش سوممىسى تەخمىنەن 235 مىليون يۈەن بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ