يوۋسىيى مەنيۆمېي كاپسۇلى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ساختا تەشۋىق قىلغانلىقتىن، شىنبا شىركىتىگە 320 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى

2026.04.08 15:13 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا، گۇاڭجوۋ شىنشۈەن تەمىنات زەنجىرى چەكلىك شىركىتى ساختا تەشۋىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى سەۋەبىدىن، گۇاڭجوۋ شەھىرى بەييۈن رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن 320 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.

ئاساسلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەت 2025-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى «كۇەيشوۋ» سۇپىسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، 2025-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى «كۇەيشوۋ» سۇپىسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، 2025-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنى «كۇەيشوۋ» سۇپىسىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىش ئۆيىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا «youthit مەنيۆمېي كاپسۇلى»، «دېلۇڭچاڭ نەملىكنى ئاشۇرۇش چېيى»، «يىلى ئېگىز بويلۇق ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى سىنكلىق، يۇقىرى كالتسىيلىق سۈت پاراشوكى»دىن ئىبارەت ئۈچ خىل مەھسۇلاتنى تەشۋىق قىلىش جەريانىدا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ناتوغرارىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى» 9-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى «تىجارەتچىلەر تاۋارلىرىنىڭ ئىقتىدارى، سۈپىتى، سېتىلىش ئەھۋالى، خېرىدارلارنىڭ باھاسى، ئىلگىرى ئېرىشكەن شان-شەرىپى قاتارلىقلار توغرىسىدا ساختا ياكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان سودا تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، ئىستېمالچىلارنى ۋە باشقا تىجارەتچىلەرنى ئالدىسا، خاتا يېتەكلىسە بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا ياكى كىشىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان سودا تەشۋىقاتىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى شەكىللەندۈرگەن.

تيەنيەن تەكشۈرۈش تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى شىن يوۋجى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ