
ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلغان بولسا، يەنە ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلغىلى بولامدۇ؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئورگان تەرەپ ۋېيشىن سالونى ئارقىلىق بۇنىڭغا جاۋاب بەردى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:
ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى سىياسىتى بويىچە، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىدىغان شەخسلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: (1) سىياسەت جەھەتتىن قوللايدىغان نۇقتىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش كىشىلەر توپىغا تەۋە بولۇش. بۇ شەھەر-بازارلاردىكى تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشسىزلار، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار (مېيىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر (داشۆ پۈتكۈزگەن كەنت كادىرلىرى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەل قىلىدىغان كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە ئىشسىزلار، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر، تور سودىگەرلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇس، يېزىلاردىكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
(2) ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىگە بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى، تۇرالغۇ قەرز پۇلى، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قەرز پۇلى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئاز سوممىلىق ئىستېمال قەرز پۇلى (ئىناۋەتلىك كارتا ئىستېمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن باشقا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئېلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرغاندا، ئۆزى ۋە جورىسىنىڭ باشقا بانكا قەرزى بولماسلىقى كېرەك.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ