توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەسى مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كىرىپ ئورۇنلاشتى

2026.04.08 15:10 مەنبە: خەلق تورى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېقىندا، سەككىز مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى 20 جاي ۋە ئورۇنغا كىرىپ ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى تاماملىدى.

كىرىپ ئورۇنلىشىش، كۆرۈشۈش يىغىنىدا، ھەرقايسى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كونكرېت تەلىپىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ھەرقايسى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىش ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىر، ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆگىنىش-تەربىيە توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىر، ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئۆگىنىش-تەربىيەدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىر. ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆگىنىش-تەربىيە توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرى بويىچە، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەۋەتكەن مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ سىياسىي ئويلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنى ياخشى تۇتۇشتىكى ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

ھەرقايسى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئەستايىدىل، پۇختا ئۆستۈرۈش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، تۈزۈم-قائىدىنى ياخشى تۇرغۇزۇشنى زىچ چۆرىدەپ، يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىش، ئورتاق پىلانلاش، تەدبىرلەرنى ئورتاق كېڭىشىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تۈزىتىشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئۆگىنىش-تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ