ئىران ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئون تۈرلۈك ماددىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2026.04.07 15:13 مەنبە: خەلق تورى

ئىران ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپى توغرىسىدا پاكىستانغا ئىنكاس قايتۇرغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىنكاس ئون تۈرلۈك ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يادرولۇق مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: ئىران كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئاساسەن ئۇرۇشنى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەكىتلەش؛ بىر قاتار تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مەسىلەن، رايون توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ھورمۇز بوغۇزىدا بىخەتەر يۈرۈش كېلىشىمى تۈزۈش، ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە جازانى بىكار قىلىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ