شىنجاڭ 2026-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەنتەربىيە تۈرىدىكى كەسپىي سىناق ئىمتىھانىغا 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ

2026.04.07 15:15 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مائارىپ-ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تەنتەربىيە تۈرىدىكى كەسىپلەردىن ئېلىنىدىغان سىناق (تۆۋەندە قىسقارتىپ تەنتەربىيە ئىمتىھانى دېيىلىدۇ)قا توردا تىزىملىتىش ۋە ھەق تاپشۇرۇش 4-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 12 دە باشلىنىپ، 4-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 18 دە ئاياغلىشىدىكەن، ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار تىزىملىتىش ۋە ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەڭلەر.

ئىگىلىنىشىچە، تەنتەربىيە سىنىقى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى سىناق نۇقتىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئەگەر ھاۋارايى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق ئۆزگىرىش بولسا، ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جەزمەن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭ مائارىپ-ئىمتىھان ئورنىنىڭ ئورگان تور بېكىتى (www.xjzk.gov.cn)گە چىقىپ، «公众服务大厅» سەھىپىسى «توردا تىزىملىتىش»نى چېكىپ، «شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەنتەربىيە تۈرىدىكى كەسپىي سىناققا تىزىملىتىش» سەھىپىسىگە كىرىپ توردا تىزىملىتىشى ۋە ھەق تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ