جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ھەمكارلىشىپ قەرز پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بىر جىنايەت گۇماندارىنى قايتۇرۇپ كەلدى

2026.04.07 15:14 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگونىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى يېقىندا ھەمكارلىشىپ قەرز پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بىر ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىنى قايتۇرۇپ كەلگەن.

جۇڭگونىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ جىنايەت گۇماندارى ساختا ئىلتىماس ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق 100 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بانكا قەرزىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئون يىل قېچىپ يۈرگەندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى جۇڭگو تەرەپنىڭ قاچقانلارنى جەزمەن قوغلاپ تۇتۇش، ئاخىرغىچە قوغلاپ تۇتۇشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو-فىلىپپىن قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ