
مۇخبىرنىڭ سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن جايلار ئەتىيازلىق ئۇدا دەم ئېلىشنى يولغا قويۇپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى كۈچلۈك قويۇپ بېرىپ، ئەتىيازلىق ئىستېمال بازىرىغا ھاياتىي كۈچ قوشقان. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سودا چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 ئاشقان، سودا مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق نازارەت قىلغان 78 پىيادىلەر كوچىسى (سودا چەمبىرىكى)دىكى خېرىدارلار ئېقىمى، تىجارەت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %6.0، %6.7 ئاشقان.
تاۋار ئىستېمالى جەھەتتە، 4-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، 2026-يىلى ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە جەمئىي 1 مىليون 526 مىڭ پارچە تولۇقلىما تاپشۇرۇۋېلىنىپ، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىش سوممىسىنىڭ 246 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولغان؛ ئائىلەئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش، رەقەملىك ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى مەھسۇلاتتىن 62 مىليون 845 مىڭى سېتىلىپ، سېتىش سوممىسىنىڭ 215 مىليارد 970 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولغان. مۇلازىمەت ئىستېمالى جەھەتتە، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سودا مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق نازارەت قىلغان يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئاشقان؛ نۇقتىلىق سۇپىلاردىكى مېھمانسارايلارنىڭ قونالغۇ ئىستېمالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 ئاشقان، شەھەر ھالقىپ ساياھەتكە چىققانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.1 ئاشقان، ئاساسىي تېمىلىق شادلىق باغچىسى ئىستېمالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشقان، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش زاكاز تالونى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان، ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %40 ئاشقان.
مۇخبىرنىڭ گۇڭئەن مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قار-يامغۇر، تۇمان، ناچار ھاۋارايى، چىڭمىڭلىق قەبرە يوقلاش-سۈپۈرۈش، باھار سەيلىسى، تۇغقان يوقلاش ئېقىمىنىڭ مەركەزلىك گىرەلىشىشى ئېلىپ كەلگەن بىخەتەرلىك ۋە قىستاڭچىلىق خەۋپىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، كۈندىلىك چىقارغان ساقچى كۈچى 161 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، ساقچى ئاپتوموبىلى 54 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ، قاتناشنى تەشكىللەشنى ئىلمىي ئەلالاشتۇرۇپ، يول قاتناش تەرتىپىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، قار-يامغۇرلۇق، تۇمانلىق ھاۋارايىدا قاتناشنى جىددىي باشقۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، سەپەرگە چىقىشقا يېتەكلەش ئەسكەرتمىسى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى يول قاتنىشىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كۈچلۈك ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.
مۇخبىرنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى رايون ھالقىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى 840 مىليون ئادەم قېتىمدىن، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 280 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 2025-يىلىدىكى چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن %6 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.
مۇخبىرنىڭ جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول تارماقلىرى دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇرتىغا قايتىدىغان يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، 20 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەنگەن، 1369 يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىش پىلانلانغان. 4 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا 14 مىليون 756 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلغان بولۇپ، تىرانسپورت بىخەتەر، مۇقىم، تەرتىپلىك بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ