تيەنجىن دېڭىز ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنى كۆزلەپ، «كۆك موتور»نى جانلاندۇردى («15-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى تاشلاش)

2026.04.07 14:56 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى ۋۇ ۋېيجېڭ، جىن بو، لى جيادىڭلار خەۋىرى

ئومۇمىي ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1100 توننا بولۇپ، 700 پىكاپقا باراۋەر كېلىدۇ؛ سۇپىنىڭ ئېگىزلىكى 128 مېتىر بولۇپ، 40 قەۋەتلىك ئاھالىلەر بىناسىدىن ئېگىز چىقىدۇ. بۇ «چوڭ ئۈسكۈنە» دېڭىز-ئوكيان نېفىت قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان شېل شىركىتى نىگېرىيە دېڭىز ئۈستى نېفىت-تەبىئىي گاز تۈرى.

بۇ يىل 2-ئايدا، قۇرۇلۇشنىڭ يۇقىرى قىسىم بۆلىكىنىڭ تيەنجىن ئاقىل ياسىمىچىلىق بازىسى پىرىستانىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تۈردە پۈتۈنلەي قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى، تۈرنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتى پەقەت 12 ئايلا داۋاملىشىپ، خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان نېفىت-تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى ئۈنۈمى بويىچە رېكورت يارىتىلدى. دۆلىتىمىز دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېڭىز-ئوكيان نېفىت قۇرۇلۇشى شىركىتىنىڭ تيەنجىن ئاقىل ياسىمىچىلىق بازىسىدا 400 يۈرۈشتىن ئارتۇق ئاقىل ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى بار بولۇپ، ماتېرىيالنى مەيدانغا كىرگۈزۈشتىن ئىشلەپچىقىرىشنى تاپشۇرۇشقىچە پۈتۈن جەريانلىق رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش-كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى دېڭىز-ئوكيان نېفىت-تەبىئىي گاز جابدۇق ياسىمىچىلىقى «ئاقىل زاۋۇتى»غا ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، دېڭىز-ئوكياننى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» توغرىسىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشتا، تيەنجىن شىمال خەلقئارا سۇ تىرانسپورتى يادرولۇق رايونىنىڭ ئېنېرگىيە دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «كۆك رەڭلىك موتور»ىنى قوزغاتماقتا.

دېڭىزدىكى تۈگۈنلۈك فۇنكسىيەسى كۈچەيتىلدى −

تيەنجىن پورتىنىڭ 2-يۈك ساندۇق پىرىستانىدا كىرانلار يۈك ساندۇقلىرىنى شوپۇرسىز يۈك ئاپتوموبىلى ئۈستىگە پۇختا قاچىلىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن دۆۋىلەش مەيدانىنى ئاقىل كونترول قىلىش سىستېمىسى مىللىمېتىر دەرىجىلىك بوشلۇق ھېسابلاش ئارقىلىق ئەڭ ئەلا يولنى پىلانلاپ، كۆپ ماشىنىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىپ مەشغۇلات قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«كىراندىن پايدىلىنىش نىسبىتى %12.3 ئۆستى، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %4.3 تۆۋەنلىدى. ..» 2-يۈك ساندۇق پىرىستانى چەكلىك شىركىتى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتور بەن خۇڭيۈ ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي ساناپ چىقتى.

دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال پورت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تيەنجىن پورتى يۈك ساندۇقى قاتناش لىنىيەسىدىن 150 نى ئېچىپ، دۇنيادىكى 180 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 500 دىن ئارتۇق پورت بىلەن سودا ئالاقىسى قىلدى.

يىغىش-تارقاقلاشتۇرۇش-توشۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يىراق ئوكيان غول لىنىيەسى كېڭەيتىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى دېڭىز بويى تىرانسپورت تورى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا (ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى؛ پورتنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پورتقا ماس كېلىدىغان كەسىپلەرنى توپلاش ۋە شەھەر ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىلىپ، پورت-كەسىپ-شەھەرنىڭ پۈتۈن رايون بويىچە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى... تيەنجىن ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، پورتنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى «كۈچلۈك يادرولۇق» ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلەتتى.

دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشۇلدى −

«شياڭشېن» ناملىق ئۈسكۈنە ئارقىلىق 1000 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈپ، مۇساپىسى 1000 مېتىر بولغان چوڭقۇر دېڭىز تەجرىبىسىنى تاماملىغىلى بولىدۇ؛ «جىيۇەن» ناملىق ئۈسكۈنە ئارقىلىق 2500 كىلومېتىر مۇساپىسىنى بېسىپ، ئۇدا 25 كۈن ئۈزۈلدۈرمەي يىراق ئوكيان سەپىرىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

تيەنجىن خەنخەي لەنفەن دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋۇ جيەنگو مۇنداق دېدى:«شىركىتىمىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئىككى خىل سۇ ئاستى يۈرۈش ئۈسكۈنىسى دۆلىتىمىزنىڭ 1000 مېتىر دەرىجىلىك چوڭقۇر دېڭىزنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ۋە يىراق دېڭىز مەشغۇلاتى ساھەسىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئىمپورت قىلىنغان جابدۇقلارغا تايىنىش ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ، تيەنجىننىڭ ‹ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىش› بويىچە ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ياخشى ئېكولوگىيەسىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.»

تيەنجىن دېڭىزغا ئالاقىدار يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 97 سىگە ئىگە بولۇپ، دېڭىز-ئوكيان نېفىت-تەبىئىي گاز جابدۇقلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى تېخنىكىلىق كېمىلەردە يېڭىلىق يارىتىش، پورت سۇ يولى قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردە «زاپچاس-جابدۇق توپلاشتۇرۇش-ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش-ياساش-يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت قىلىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىز قۇرۇلۇشى جابدۇق كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى.

تيەنجىننىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «ئاساسىي جەڭ مەيدانى» بولغان بىنخەي يېڭى رايونىدا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تارقالدى: دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى يۈرۈش دېڭىز-ئوكيان نېفىت-تەبىئىي گاز جابدۇقىنىڭ ئېلاستىكلىق ئاقىل پۈركۈپ سىرلاش سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ بوخۇا گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى ساپلىقتىكى گىدروفىتورىد ئېفىر 7100 مەھسۇلاتى چەت ئەلنىڭ تېخنىكا مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ تيەنجىن پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئېرىتمە خىمىيەسى ۋە ئايرىش تېخنىكا كوللېكتىپى دېڭىز تۇزلۇق سۈيىدىن لىتىي ئايرىش ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. ..

تيەنجىن شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى تۆۋەن كاربونلۇق پەن-تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گۇاڭچياڭ مۇنداق دېدى:«بىز دېڭىز-ئوكيان ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشنى تېزلىتىپ، چوڭقۇر سۇ رايونىدا ئادەمسىز مەشغۇلات قىلىش ئۈسكۈنىسى، يېڭى تىپتىكى نېفىت-تەبىئىي گاز قېزىش جابدۇقلىرى، دېڭىز-ئوكيان خىمىيەلىك بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش جابدۇقى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش توپىنى نۇقتىلىق قۇرىمىز.»

دېڭىز-ئوكيان كەسىپ قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلدى −

نەنگاڭ سانائەت رايونىدا، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىدىكى چوڭ ئېتىلېن، خۇاديەن، بوخەي دېڭىزى خىمىيە سانائىتى قاتارلىق خىمىيە سانائىتى تۈرلىرىدە پۈتۈنلەي تۇزسىزلاندۇرۇلغان دېڭىز سۈيى «ئىچىلىدۇ». تيەنجىندە، چوڭ تىپتىكى دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق ھازىرلىدى.

3-ئاينىڭ 20-كۈنى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ۋە پەردە ماتېرىيالى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ يوپۇقى تيەنجىندە ئېچىلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ۋە پەردە ماتېرىياللىرى ساھەسىدە كەسىپلەشكەن، ماسلاشقان تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، تيەنجىن دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ساھەسىدىكى ئاچقۇچلۇق جابدۇق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، يېتىشتۈرۈپ، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش كەسپىدە ئىلغار ياسىمىچىلىق، تەتقىق قىلىپ ئېچىش بازىسى بەرپا قىلىدۇ.

تيەنجىن شەھەرلىك پىلان ۋە تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چېن يۇڭ مۇنداق دېدى: «دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش، دېڭىز-ئوكيان جابدۇقلىرى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، دېڭىز-ئوكيان نېفىت-تەبىئىي گاز، دېڭىز-ئوكيان كېمىسازلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى مۇستەھكەملەپ، كۈچەيتىپ، دېڭىز-ئوكيان مەدەنىيەت-ساياھىتى، سۇ تىرانسپورتى مۇلازىمىتى قاتارلىق زامانىۋى دېڭىز-ئوكيان مۇلازىمەت كەسپىنى سىجىل ئۆستۈردۇق. تيەنجىن 12 ئاساسلىق دېڭىز-ئوكيان كەسىپ تۈرىگە ئىگە بولۇپ، ھازىر زامانىۋى دېڭىز-ئوكيان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىۋاتىدۇ.»

تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل مۇنداق دېدى:«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹15-بەش يىل› مەزگىلىدىكى تيەنجىننىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى تەرەققىيات ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنى تيەنجىننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلاندۇرىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ