شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇم مەڭگۈلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىلىدۇ!

2026.04.03 16:31 مەنبە: خەلق تورى

3 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى غۇلجا باشقۇرۇش شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتى سىرتقا مەڭگۈلۈك ئېچىۋېتىشنى رەسمىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋاقىتلىق تىجارەت قىلىشتىن دائىملىق تىجارەت قىلىشقا ئۆتۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى، قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن كېيىن، شىنجاڭدىكى 3 ـ دائىملىق خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پورتىغا ئايلانغان، بۇ ئىلىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خەلقئارالاشقان تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ