
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى دۇڭ سىيۈ، شاۋ يۈزى
«بۇ ئورمانلىقتىكى كۆچەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى سەيخەنبادىن كەلتۈرۈلگەن، بىز ئۇنىڭغا < سەيخەنبا ئورمانلىقى > دەپ نام بەردۇق.» باھاردا ھاۋا ئىللىپ، جاھان گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى باشلىنىش رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىدا، بىر پارچە شەمشادنىڭ ئېگىزلىكى تۆت-بەش مېتىرغا يەتكەنىدى، شيۇڭئەن گۇرۇھى ئېكولوگىيە شىركىتى ئېكولوگىيە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ كادىرى ياڭ لى بارماقلىرى بىلەن دەرەخ غولىنى يېنىك تۇتۇپ، ناھايىتى قەدىرلەش نەزەرى بىلەن مۇنداق دېدى: «ئۇلار خۇددى مېنىڭ قەدىناس دوستلىرىمغا ئوخشايدۇ، مەن دائىم بۇ يەرگە كېلىپ ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن.»
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئاۋۋال يېشىللىق بەرپا قىلىپ، ئاندىن شەھەر قۇرۇش شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بىر يېڭى ئىدىيە»، «< مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان >نى < مىڭ يىللىق شيۇلىن> دىن باشلاش كېرەك»، «ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شيۇڭئەن قۇرۇپ چىقىش كېرەك.»
2017-يىل 11-ئايدا، «مىڭ يىللىق شيۇلىن» قۇرۇلۇشى داچىڭخې دەرياسى بويىدا باشلاندى. يېرىم يىلدىن كېيىن، ياڭ لى سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانىدىن بۇ يەرگە كېلىپ، شيۇڭئەندە يېشىللىق بەرپا قىلغان «ئىگىلىك تىكلىگۈچى»گە ئايلاندى.
ياڭ لى مۇنداق دېدى: «شيۇڭئەنگە دەسلەپ كەلگەندە، مەن دائىم سەھەرنى سەھەرگە ئۇلاپ سەھەرگىچە ئالدىراش ئىشلەپ، ھەر كۈنى دەرەخنى قانداق قىلغاندا بۇ يەردە ئۇزاققىچە يىلتىز تارتقۇزغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىناتتىم.»
كۆكەرتىشنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىلمىي، ئېكولوگىيەلىك، تېجەشلىك كۆكەرتىش تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.»
ياڭ لى مۇنداق دېدى: «بىز خۇابېي تۈزلەڭلىكىدىكى يەرلىك دەرەخ تۈرلىرى، يەنى تېرەك، سۆگەت، تۇخۇمەك دەرىخى قاتارلىقلارنى، يەنە تاشئالما، تاغ ئۆرۈكى، يېشىل شاپتۇل قاتارلىق يېمەكلىك مەنبەسى، شىرنە مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرىنى ئالدىن تاللاپ ئىشلىتىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئاشۇردۇق.»
مۇۋاپىق دەرەخ تۈرىنى بېكىتكەندىن كېيىن، قانداق تىكىش يەنە بىر قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. ئەنئەنىۋى ئورمان بىنا قىلىشتا كۆپىنچە رەتلىك، قاتار تىكىش ئۇسۇلى قوللىنىلاتتى، گەرچە ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلىشقا قولايلىق بولسىمۇ، مۇقىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش تەس ئىدى.
«شيۇڭئەننىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىز < تەبىئىي ئىختىيارىي ئەگرى سىزىق بويىچە تىكىش > ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، بىرلەمچى تاجسىمان مايسىنى ئىشلىتىپ، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى، قوش قەۋەتلىك، ئارىلاش ئۆسكەن تەبىئەتكە يېقىن ئورمان بىنا قىلىش ئەندىزىسىنى قوللاندۇق.» ياڭ لىغا ئەگىشىپ «مىڭ يىللىق شيۇلىن»دا سەيلە قىلدۇق، ھەر خىل دەل-دەرەخلەر ھەر خىل شەكىلدە بولۇپ، گىرەلىشىپ ئۆسۈپ، مۇقىم ھەم ساغلام ئورمان توپى بەرپا قىلغانىدى.
ياڭ لى مۇنداق دېدى: «<مىڭ يىللىق شيۇلىن> ھەربىر تۈپ دەرەخنىڭ مىڭ يىلغىچە ياشىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى بۇ ئورمانلىقنىڭ ئۆز-ئۆزىنى كۆپەيتىپ، سىجىل يېڭىلاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، كەلگۈسىدىكى شەھەر ئۈچۈن ئېكولوگىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، «تىكىش بىلەن پەرۋىش قىلىشنى تەڭ تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» كېرەك. «مىڭ يىللىق شيۇلىن» باسقۇچلۇق ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىمۇ «يېشىللىقنى كېڭەيتىش»تىن «يېشىللىقنى قوغداش»قا ئۆزگەردى.
ياڭ لى مۇنداق دېدى: «105 جايدىكى يۇقىرى بوشلۇق تېلېكامېراسى ۋە 60 جايدىكى يەر يۈزى تەكشۈرۈش ئېغىزىغا تايىنىپ، بىز 24 سائەت ئايلىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش سىستېمىسى تورىنى بەرپا قىلىپ، دەل جايىدا، ئەقلىي باشقۇرۇش-ئاسراشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر تۈپ كۆچەت تىكسەك، بىر تۈپنى ئەي قىلىشقا تىرىشىمىز.»
«خەلق ئۈچۈن كۆچەت تىكىش، ئاممىغا بەخت يارىتىش.». «مىڭ يىللىق شيۇلىن» ئېكولوگىيە توسۇقىغا ئايلىنىپ، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرى تېخىمۇ كۆپ يېشىللىققا ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى، «ئادەم بىلەن تەبىئەت بىللە ياشاش» ئارزۇسى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلاندى.
«ھازىر شيۇڭئەنلىكلەر < ئۈچ كىلومېتىر ئارىلىقتا ئورمانلىققا، بىر كىلومېتىر ئارىلىقتا ئورمان بەلبېغىغا، 300 مېتىر ئارىلىقتا باغچىغا>كىرەلەيدۇ.» ياڭ لى مۇنداق دېدى: «2023-يىلىدىن باشلاپ، ئۇلارمۇ ئورمان دورىگەرلىكى، ئورمان-گۈلى، ئورمان زەمبۇرۇغى قاتارلىق ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئورمان يېرىدىن پايدا ئېلىپ، <ئېكولوگىيە بىلەن كەسىپنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش>نى ئىشقا ئاشۇردۇق.»
شيۇڭئەندە ياڭ لىغا ئوخشاش سەيخەنبادىن كەلگەن بىر توپ ئورمان بىنا قىلغۇچىلار بار. ئۇلار «بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يېشىل تەرەققىي قىلىش»تەك سەيخەنبا روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلگىرى توپلىغان تېخنىكا، تەجرىبىلەرنى ئىستىقبالى پارلاق يېڭى رايونلارغا ئېلىپ باردى.
جاڭ شۈ شيۇڭئەن گۇرۇھى ئېكولوگىيە شىركىتى لايىھەلەش-باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، سەيخەنبا مېخانىكىلىق ئورمانچىلىق مەيدانىدىن كەلگەن. 2018-يىل 2-ئايدا، ئۇ شيۇڭئەنگە كېلىپ، 100 مىڭ مو كۆچەت ۋە مەنزىرە دەرەخلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش قۇرۇلۇش تۈرىگە قاتناشتى.
«ئەينى چاغدىكى قۇرۇلۇش رايونىنىڭ كۆكەرتىش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس ئىدى، ئەتىيازدا بوران چىقسا توپا-چاڭ ئۇچۇپ تۇراتتى. بىز ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن < يەنە توپا يېگىلى بارىمىز> دەپ چاقچاق قىلىشاتتۇق.» جاڭ شۈ مۇنداق دېدى: «لېكىن سەيخەنبادىكى ئەجدادلارنىڭ قارا سۇلۇ چۆپى يەپ، قار-مۇز سۈيى ئىچىپ، گەمىلەردە ئۇخلاپ، «قاقاسلىقنى ئورمان دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇش»تەك يېشىللىق مۆجىزىسىنى ياراتقانلىقىنى ئويلىساملا، ئۆزۈم تارتقان بۇنچىلىك جاپانىڭ ھېچقانچە ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمەن.»
تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، «مىڭ يىللىق شيۇلىن» قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەيخەنبا رايونىدىكى ئونغا يېقىن ئورمان بىنا قىلغۇچى يېڭى رايونغا كېلىپ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان.
توققۇز يىلدا، يېشىل بوشلۇق شيۇڭئەندە كېڭىيىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %11 تىن %35.1 كە يەتتى، «مىڭ يىللىق شيۇلىن» نىڭ ئورمان زاپاس مىقدارى 550 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى. پىلان بويىچە، شيۇڭئەننىڭ كەلگۈسىدىكى كۆك، يېشىل بوشلۇقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70 كە مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ.
ياڭ لى مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە بارغانسېرى كۆپ ئورمان بىنا قىلغۇچىلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شيۇڭئەن قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»
تاغ ـ دەريالارغا گۈزەل تۈس قوشتى، شۇنداقلا ئەۋلادلار ئۈچۈن يېشىل بايلىق توپلىدى. شيۇڭئەندىن ھالقىپ پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، ئورمان كۆلىمى ۋە زاپاس مىقدارى ئۇدا 40 يىل قوش ئېشىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %25.09 كە ئېتىپ، ئورمان ـ ئوتلاق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %56تىن ئېشىپ، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە يېشىللىقنى ئەڭ كۆپ، ئەڭ تېز كۆپەيتكەن دۆلەتكە ئايلىنىپ، «يېشىل ئاساس» بارغانسېرى پۇختىلاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ