شىنجاڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىگە ئايلاندۇردى

2026.04.03 16:28 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز خې يۇڭ، جياڭ يۈنلۇڭ

تۇرخۇندىن چىققان گازنى كۆرگىلى بولمايتتى، ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى، پەقەت توك ئېقىمىلا ئۈنسىز يۈرەتتى − شىنجاڭ قاراماي چۆللۈكىدە غايەت زور «پار قازان ئۆيى» جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى 110 كىلوۋولتلۇق قاتتىق گەۋدىلىك ئىسسىقلىق ساقلاش شەكلىدىكى توك ئارقىلىق پار كىرگۈزۈش پار قازىنى بولۇپ، قويۇق نېفىت ئېچىشتا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ئىلگىرى گاز كۆيدۈرەتتۇق، ھازىر توك ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق.» شىنجاڭ نېفىت شىركىتىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى فەن يۈشىن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېشىل ئېنېرگىيەنى تەبىئىي گازنىڭ ئورنىغا دەسسىتتۇق. ھەر يىلى 25 مىڭ توننا كاربوننى ئاز قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ، بۇ چۆللۈكتە 1 مىليون 380 مىڭ تۈپ كۆچەت تىككەنگە باراۋەر.»

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.» 2025 ـ يىل 9 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك.»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا، ئۆز ئىقتىدارىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، يۇغۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ داۋاملىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىپ، «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يېڭى ئېنېرگىيە چوڭ بازىسى، كۆمۈردىن ماي-گاز ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسى قاتارلىق تۈرلەرنى تېز قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، 2030-يىلىغا بارغاندا يېڭىدىن كۆپەيگەن توك ئىشلىتىش مىقدارى ئېھتىياجىنى ئاساسلىقى يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىش ئارقىلىق قاندۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە «ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش» مۇھىم تۇتقىغا ئايلاندى −

شىنجاڭ كۇچادا، مەشغۇلاتچى مائۇسنى يېنىك چەكتى، 400 مېتىرلىق قۇدۇق ئاستىدا، كۆمۈر قېزىش ماشىنىسى كومپىيۇتېرنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاپ ئاپتوماتىك كۆمۈر كېسىۋاتاتتى، قارا كۆمۈرلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

«500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆمۈر قېزىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قېزىپ كىرىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىرانسپورت قاتارلىق ئون جەھەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.» شۈجوۋ كان ئىشلىرى (گۇرۇھى) شىنجاڭ تىيانشان كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئوقۇربۇلاق كۆمۈر كېنىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن گوچياڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر قۇدۇق قازىدىغانلار ئازايدى، بىخەتەرلىك ئۆستى، ئۈنۈممۇ مۇقىم ئاشتى.»

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈر كاندىن 42 سى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئۇنىۋېرسال قېزىش خىزمەت دائىرىسىدىن 43 ى قۇرۇلدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېنزور، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن چارلاپ تەكشۈرۈش، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ قۇدۇق مەيدانلىرىنىڭ نەرسە تورى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %97 كە يەتتى. «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ دىققەتنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، مېتاللۇرگىيە، ماتېرىيال قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولىدۇ.

شامال، يورۇقلۇق ئېلېكتىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «يېشىللاشتۇرۇش» ئارقىلىق روشەن ئاساسىي رەڭ بەرپا قىلىندى −

شىنجاڭ قومۇل دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يېڭى ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بازىسى. 100 مېتىرلىق 109 شامال كۈچى گېنېراتورىنىڭ يەلپۈگۈچ قانىتى ئايلىنىپ، چۆللۈكتىكى زور بوراننى يېشىل توك ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەر يىلى سىچۇەن، چۇڭچىڭ رايونىغا 36 مىليارد كىلوۋات سائەت يېشىل توك يەتكۈزەلەيدۇ.

«ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يىپەك يولى» ھەممە تەرەپكە يېيىلدى. 2025 ـ يىلى، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 141 مىليارد 299 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، يېشىل توكنىڭ سالمىقى % 31.41 كە يەتتى. 3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 30 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 14 كۈن بۇرۇن 30 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى.

گىياھ ئۈنمەيدىغان جاي ئېنېرگىيە بوستانلىقىغا ئايلاندى. ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ يېشىللىق تەركىبى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشىنىڭ يېشىللىق تەركىبىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. شىنجاڭ دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتتىن جەمئىي 111 نى، دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل سانائەت باغچە رايونىدىن توققۇزنى، دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش كارخانىسىدىن يەتتىنى يېتىلدۈردى. «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى، ئەقلىي ئىدراك تېخنىكىسى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ.

يېڭى مۇسابىقە يولىغا كۈچەپ، «يۇغۇرۇش» ئارقىلىق تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش −

رەڭسىز سىزىقلار رەڭلىك كۆرۈنۈشكە ئايلاندۇرۇلۇپ، كارتون پېرسوناژلار جانلىق، ئىستېرېئولۇق تۈسكە كىرگۈزۈلدى. ..قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىدا، بېيجىڭ، شاڭخەي، سىچۇەن قاتارلىق جايلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئوپتىك تالا ئارقىلىق نەچچە مىڭ كىلومېتىردىن ھالقىپ، بۇ يەرگە كەلتۈرۈلۈپ چوڭقۇر ھېسابلاندى.

«قاراماينىڭ كىلىماتى مۇۋاپىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك، ھېسابلاش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكى روشەن. » قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ بو مۇنداق تونۇشتۇردى: قارامايدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزىدىن ئالتىسى قۇرۇلغان بولۇپ، 20 مىڭ PFLOPS (سېكۇنتىغا تىرىليات قېتىملىق لەيلىمە چېكىتلىك ھېسابلاش) تىن ئارتۇق ھېسابلاش ئىقتىدارى تىرىكى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكا سېلىنمىسى جەمئىي 30 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 3.2 ھەسسە ئاشتى. «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى، ئەقلىي ئىدراك تېخنىكىسى قاتارلىق يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىگە ئايلاندۇرىدۇ» دېدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ