مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىدە نۇقتىلىق سىنىپ، تەجرىبە سىنىپى، تېز-ئاستا سىنىپ تەسىس قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ

2026.04.03 16:30 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى (2026-يىلى)نى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە نۇقتىلىق سىنىپ، تەجرىبە سىنىپى، تېز-ئاستا سىنىپ تەسىس قىلىش ياكى شەكىل ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىشنى قەتئىي چەكلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشى سەپلەش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىختىيارىي سىنىپقا ئايرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكشى سىنىپقا ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، سىنىپقا ئايرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى ئىككى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىللىق مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ قاپلاش دائىرىسى «مەجبۇرىيەت مائارىپى»دىن «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ»كە كېڭەيتىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىنى تۈزەش زەنجىرى تۇتاشتۇرۇلۇپ، مىنىستىرلىققا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئۆلكىگە قاراشلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ناھىيەدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پۈتۈن ئوقۇش بۆلىكىنى قاپلىغان ئاشكارا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئېنىق تەلەپ قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ