ئامېرىكا ئادەملىك ئاينى ئايلىنىپ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى يولغا قويدى

2026.04.02 16:48 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 4-ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كەچقۇرۇن، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ـ ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئايغا چىقىدىغان راكېتاسىنىڭ «ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى» فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىپ، «ئارتېمىس 2 ـ نومۇرلۇق» ئادەملىك ئاينى ئايلىنىپ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ 1972 ـ يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئادەملىك ئاي شارىغا ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى شۇ كۈنى سائەت 18 دىن 35 مىنۇتلار ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 6 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە)، «ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى» «ئورىيون يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىنىڭ 39B قويۇپ بېرىش سۇپىسىدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، تۆت نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ ئۇچۇپ، ئون كۈنلۈك ۋەزىپىنى قانات يايدۇرىدۇ.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە ئالەم كېمىسىنىڭ تۈرلۈك سىستېمىلىرىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ، ئادەملىك ئىزدىنىش ۋەزىپىسىنى قوللايدىغان ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلار دەلىللىنىپ، كېيىنكى ئادەملىك ئايغا چىقىش ۋە چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ