
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كورېيە ھۆكۈمىتى 3 ـ ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كۆپ قېتىم بېرىش-كېلىش ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىش شەرتىنى كەڭ قويۇۋىتىدىكەن ھەمدە ۋىزىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى يەنىمۇ ئۇزارتىدىكەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
ماۋ نىڭ: جۇڭگو بىلەن كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ خادىملار ئالاقىسىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ