ئاتا-ئانىلار دىققەت! ئالتە ياشتىن بۇرۇنقى مەزگىل خامۇشلۇق كېسىلىگە ئارىلىشىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى

2026.04.02 16:47 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 2-كۈنى «دۇنيا خامۇشلۇق كېسىلى ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كۈنى». خامۇشلۇق كېسىلى يەنە تەنھالىقنى خالاش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئاساسلىق ئىككى چوڭ تىپىك ئىپادىسى بار: بىرى، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتا روشەن قىيىنچىلىق مەۋجۇت بولىدۇ؛ يەنە بىرى، قىزىقىش دائىرىسى تار، مۇقىم ھەرىكەتنى تەكرارلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىجتىمائىي ئالاقە توسالغۇسى ئەڭ يادرولۇق مەسىلە. خامۇشلۇق كېسىلىگە ئەڭ ئاساسلىق ئارىلىشىش ئۇسۇلى ئىلمىي بولغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشقىدۇر. ئالتە ياشتىن بۇرۇنقى مەزگىل ئارىلىشىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى بولۇپ، قانچە بالدۇر باشلىسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ