
جۇڭگونىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋېيشىن سالونىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەملىكەت سىرتىدىكى قېرىنداشلارغا تېخىمۇ قولاي كونسۇل مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، «ئالىقاندا بېجىرىش»، «قاترىماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «中国领事» APP سى 2026-يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى «婚姻登记预约» كەسىپ بۆلىكىدە «ئۆيلىنىش خېتىنى تولۇقلاپ ئېلىشقا ئالدىن كېلىشىش» ۋە «ئاجرىشىش خېتىنى تولۇقلاپ ئېلىشقا ئالدىن كېلىشىش» ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدىكەن، ئەسلىدىكى «ئۆيلىنىشكە تىزىملىتىشنى ئالدىن كېلىشىش» ۋە «ئاجرىشىشقا تىزىملىتىشنى ئالدىن كېلىشىش» ئىقتىدارى بىلەن بىللە، ئۆيلىنىشكە تىزىملىتىش كەسپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
ئىلتىماس قىلغۇچى APPغا چىققاندىن كېيىن، «婚姻登记预约» كەسىپ بۆلىكىنى تاللاپ، شەخسىي ئاساسىي ئۇچۇرىنى تولۇق، توغرا تولدۇرۇپ، ئەلچىخانىغا بېرىپ بېجىرىش ۋاقتىنى ئالدىن كېلىشىش ھەمدە ئالدىن كېلىشىش ۋاقتى بويىچە ئەلچىخانىغا بېرىپ ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
«中国领事» APP سىنى خۇاۋېي ئەپ دۇكىنى، ئالما ئەپ دۇكىنى، تېڭشۈن ئەپ دۇكىنى، شياۋمى ئەپ دۇكىنى ياكى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ