چېن جى جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ يادرولۇق تايانچ ئەزاسى لى شيۇڭ كامبودژادىن ۋەتەنگە يالاپ ئېلىپ كېلىندى

2026.04.02 16:45 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ گۇڭئەن مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، كامبودژادىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، چېن جى جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ يادرولۇق تايانچ ئەزاسى لى شيۇڭنى كامبودژانىڭ فىنوم پېندىن ۋەتەنگە مۇۋەپپەقىيەتلىك يالاپ قايتۇرۇپ كەلگەن. بۇ جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لى شيۇڭنىڭ ئىلگىرى تەيزى گۇرۇھى قارىمىقىدىكى خۇيۋاڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى بولغانلىقى، قىمارخانا ئېچىش، ئالدامچىلىق قىلىش، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، جىنايەت تاپاۋىتىنى يوشۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك جىنايەتكە چېتىلغانلىقى ئېنىقلاندى. نۆۋەتتە، لى شيۇڭغا قانۇن بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان بولۇپ، ئالاقىدار دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ