مۇھىم فۇنكسىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش −

كېلەچەك شەھىرى يېڭى يېڭى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى

2026.04.02 16:43 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى ۋەن شيۇبىن، شاۋ يۈزىلار خەۋىرى

«15-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا يېڭى ئىشلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى −

بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ زاكازلىق تېز ئاپتوبۇسى بېيجىڭ-شيۇڭئەن ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدە قاتناش باشلاپ، تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشى تېخىمۇ قولايلاشتى؛ تۇنجى يەر ئاستى بوشلۇقى ئۈچ ئۆلچەملىك كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا يېڭى يول ئېچىلدى؛ شيۇڭئەن خەلقئارا ئايروپورتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىشىك ئالدىدىلا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنىڭ قولايلىقلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى ...

تۈرلۈك ئىشلار يېڭىلىق يارىتىش ئامىلىنىڭ توپلانغانلىقىغا، يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزدى؛ ئۇ ئۆزى پىلانلاپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، «شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرىدىغان جاي بولۇشتەك مۇھىم فۇنكسىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك»، «تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

تارقاقلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن شيۇڭئەن شەھىرى كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى. شيۇڭئەنگە كىرگىنىمىزدە، كېلەچەك شەھىرى يېڭى قاينام-تاشقىن مەنزىرىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.

«تارقاقلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، زامانىۋى شەھەر يېڭى ئەندىزىسى ياراتتى

«شەھەر كېسىلى»دىن خالىي كېلەچەك شەھىرىنى قانداق بەرپا قىلىش كېرەك؟

شيۇڭئەن «تارقاقلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك پىلانلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

يېقىندا، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قوزغىتىش رايونى مېتېئورولوگىيە چوڭ مودېلىغا ئۇلىنىپ، «تۆت پەسىلدىكى 20 خىل» مۇھىت تازىلىقى سۈپىتى، ئۈنۈمىنى باھالاش ئەندىزىسىنى باشلامچىلىق بىلەن تورغا چىقىرىپ، ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسەن شۇ كۈنلۈك ئەندىزىنى ئاپتوماتىك شەكىللەندۈرۈپ، مۇھىت تازىلىقى مەشغۇلات تەدبىرلىرى ۋە ۋاقىت بۆلىكىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇردى. «بۇلۇت شەھىرى»، رەقەم ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. «شيۇڭئەن كۆزى»گە شەھەرنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىدىن 40 مىلياردتىن ئارتۇقى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پۈتۈن رايوندا رەقەملىك شەھەر بىلەن رېئال شەھەرنى ماس قەدەمدە قۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەربىر ئىمارەت، ھەربىر يول، ھەربىر يول چىرىغى بىر-بىرلەپ ماسلاشتۇرۇلدى. رەقەم تېخنىكىسى ئارقىلىق شەھەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىندى.

يېڭى رايون يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە باشتىن-ئاخىر قاتناشقان جۇڭگو شەھەر پىلانلاش-لايىھەلەش تەتقىقات ئاكادېمىيەسى شيۇڭئەن تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن باشلىقى يىن خۇيلياڭ «ھەربىر سۇڭ يەرنى ئېنىق پىلانلىغاندىن كېيىن ئاندىن قۇرۇلۇش باشلاش»تىن ئىبارەت سەۋرچانلىق ۋە ئىرادىگە گۇۋاھ بولدى. بىر تەپسىلات ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى: پىلانلاپ لايىھەلىگەندە، بالىلارنى باغچە، يېشىللىقلاردىن ئۆتۈپ ئۆيىگە بىخەتەر بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن بالىلار مەكتەپكە بېرىپ كېلىدىغان «ئۆگىنىش يولى» بوشلۇقى قالدۇرۇلغانىدى.

قۇرۇلۇشلارغا نەزەر سالساق، مىڭلىغان بىنالار قەد كۆتۈرۈش بىلەن بىللە، «بارلىق بىنا قۇرۇلۇشلىرىدا رەقەملىك مودېل تۇرغۇزۇش ۋە ئاقىل قۇرۇلۇش سۇپىسىغا تايىنىپ، ماتېرىيالنى مەيدانغا كىرگۈزۈشتىن قۇراشتۇرۇشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىگىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇش ۋە قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ سۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى:«‹شيۇڭئەن سۈپىتى›نىڭ ھەربىر پارچە خىش-كاھىش، ھەربىر لىم-تۈۋرۈككە سىڭدۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.»

گوۋۇيۈەن ئورۇنلاشتۇرما قىلغان 42 نۇقتىلىق «بىر ئىش»نىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، سەككىز يېڭى رايون خاسلىقىغا ئىگە «بىر ئىش» مەنزىرىسى ماس قەدەمدە يولغا قويۇلدى، بېيجىڭ-شيۇڭئەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى 278 تۈرلۈك ئىشنى «بىر شەھەرلەشتۈرۈپ» بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... «تىرىشىپ ‹ئىش بېجىرىشتە باشقىلارغا يالۋۇرماسلىق، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا توسالغۇ بولماسلىق، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش› شيۇڭئەننىڭ مۇھىم بەلگىسىگە ئايلاندۇرۇلدى.» شيۇڭئەن يېڭى رايونى تىجارەت-سودا مۇھىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گاۋ لىچۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: شيۇڭئەن يېڭى رايونى «بېيجىڭنىڭ شيۇڭئەندىمۇ بېجىرگىلى بولىدىغان ئىشلىرى»غا دائىر مۇلازىمەت دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، رايون ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىلىدىغان ئىشلارنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، تارقاقلاشتۇرۇش ئوبيېكتى ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

«تارقاقلاشتۇرۇش» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلدى

جۇڭگو تېلېگرافى ئاقىل شەھەر كەسىپلەر باغچىسى يېڭى رايوندىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى بازارلاشتۇرۇپ تارقاقلاشتۇرۇشقا دائىر ئۈچ تۈرنىڭ بىرى بولۇپ، لى شىخۇەن تۇرۇشلۇق جۇڭگو تېلېگرافى رەقەملىك شەھەر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دەل مۇشۇ يەرگە جايلاشقان. ئۇ يان تېلېفونىنى ئېچىپ، ئۆزى ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتقان ئىككى پارچە سۈرەتتىن شيۇڭئەن تەرەققىياتىنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى: بىرى، 2021-يىلى بولۇپ، كەسىپلەر باغچىسىغا ئۇل سېلىنغان چاغدىكى سۈرەت بولۇپ، ئەتراپى پۈتۈنلەي قۇرۇلۇش ئورنى ئىدى؛ يەنە بىرى، 2024-يىلىدىكى سۈرەت بولۇپ، كەسىپلەر باغچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

بىنالار «ئېگىزلەۋاتىدۇ»، پۇرسەت ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو تېلېگرافى رەقەملىك شەھەر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا قاتناشقان قوللىنىش مۇھىتى تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئاقىل قاتناش، ئاقىل باغچە رايونى، ئاقىل شەھەر قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى، ئالاقىدار قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى يەنە باشقا شەھەرلەردە كېڭەيتىلىپ قوللىنىلدى. بۇلتۇر 3-ئايدا، لى شىخۇەن شيۇڭئەن ئىختىساسلىقلار ئاقىل سۇپىسى مۇلازىمەت سۇپىسىدىن «شيۇڭسەي كارتىسى» ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغانىدى، «بۇ كارتا ئارقىلىق يېڭى رايوندا ئاممىۋى قاتناشقا ھەقسىز ئولتۇرغىلى بولىدۇ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارغا، بەزى قاتناش تۈگۈنلىرىگە بارغاندىمۇ يېشىل يولدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.»

«بىز يېڭى رايون بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلدۇق.» لى شىخۇەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شىركەت دەسلەپ قۇرۇلغاندا ئاران 30 نەچچە ئادەم بار ئىدى، ھازىر تەرەققىي قىلىپ 500 نەچچە ئادەمگە يەتتى، ئومۇمىي تىجارەت سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدە سىجىل يول ئېچىپ يېڭىلىق ياراتتى. بۇلتۇر 10-ئايدا، گۇرۇھنىڭ باش ئىشتابى ۋە ئالاقىدار تارماق شىركەتلەردىكى 1000 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى شيۇڭئەنگە كۆچۈپ كەلدى، گۇرۇھنىڭ مۇئاۋىن باش ئىقتىسادچىسى لى لەيلۇڭ مۇنداق دېدى: «تەرەققىيات ئۇسۇلىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش» سىياسەت يۆنىلىشى ۋە «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان»دىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بىزنىڭ پۇرسىتىمىز ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، ئېنېرگىيە مەركەز كارخانىلىرى شيۇڭئەنگە توپلىنىپ، يېشىل ئېنېرگىيە كەسپى توپلىشىپ زەنجىر شەكىللىنىپ، «مەركەز كارخانىلىرى باش ئىشتابى+تەتقىق قىلىپ ئېچىش بازىسى+يانداش كارخانا» تەرەققىيات ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

شيۇڭئەندە ئالەم بوشلۇقى ئۇچۇرلىرى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى، رەقەملىك پەن-تېخنىكا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپلىرى شەكىللەندى، كۈچ توپلىنىپ، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلدى، 2000 دىن كۆپرەك پەن-تېخنىكا كارخانىسى يىلتىز تارتتى، ئۆسۈپ يېتىلدى، زورايدى ...

«تارقاقلاشتۇرۇش»نىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ماس تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتتى

«شياۋدې، سىرتتا يامغۇر ياغدى.» بۇيرۇقنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ماشىنا ئادەم قولى نۇرغۇن نەرسىلەر ئارىسىدىن بىر كۈنلۈكنى ئالدى. مېيكامەندې (شيۇڭئەن) ماشىنا ئادەم پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە، ماشىنا بىلەكنىڭمۇ «كۆزى»، «چوڭ مېڭىسى» ۋە «چېۋەرقولى» بار بولۇپ، مۇھىتنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان، بۇيرۇقنى چۈشىنەلەيدىغان، دەرھال ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولدى.

2024-يىل 9-ئايدا، شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى شاۋ تيەنلەن باش ئىشتابىنى بېيجىڭدىن شيۇڭئەنگە كۆچۈردى. بۇ كۆچۈش شىركەتنىڭ يەككە نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كۆپ جاي ھەمكارلىقىدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى «كەلتۈرۈپ چىقاردى». «تارقاقلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جاينىڭ بايلىقى زىچ ئۇيۇشۇپ بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلدى.» شاۋ تيەنلەن مۇنداق دېدى: «بىز بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ئېچىشنى قانات يايدۇرۇپ، شيۇڭئەن مەنزىرىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ سانلىق مەلۇمات توپلاش، ئەمەلىي قوللىنىش ـ سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپتا مۇكەممەل ئىلغار ياسىمىچىلىق سەپلىمىلىرى بولغاچقا، شىركەت تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، مەنزىرىنى دەلىللەشتىن كەسىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرنى تۇتاشتۇردى.»

بۈگۈنكى كۈندە، مېيكامەندې (شيۇڭئەن) ماشىنا ئادەم پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى كۆپ خىل مەھسۇلاتلىرىدا مەنزىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يىللىق مال چىقىرىش مىقدارىنى تەخمىنەن 10 مىڭ دانىگە يەتكۈزدى.

مېيكامەندې (شيۇڭئەن) ماشىنا ئادەم پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى تۇرۇشلۇق شيۇڭئەن يېڭى رايونى جۇڭگۇەنسۈن پەن-تېخنىكا باغچىسى «بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي كەسىپلىرىنى ماسلاشتۇرۇش "تۈگۈنى" بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ھەر كۈنى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقى، كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقى، رايونلارنىڭ ماسلىشىشىغا دائىر جانلىق ھېكايىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. قۇرۇلغان قىسقىغىنا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سانائەت رايونىغا ماكانلاشقان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى 200 دىن ئاشتى.

شيۇڭئەن بېيجىڭدىكى كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرى بىلەن زىچ تۇتاشتۇرۇلدى، نۆۋەتتە 13 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا شيۇڭئەنگە كىردى، پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە رايونلارنىڭ ماسلىشىش سالمىقى سىجىل زورايدى. بۇ يىل 2-ئايغىچە، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىدىن ئونى، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىدىن 700 گە يېقىنى بار بولدى.

شيۇڭئەندە ماڭغاندا، يېڭى ئىدىيە يېتەكچىلىكىدىكى يېڭى ئەمەلىيەتكە، يېڭى كەسىپ ئارقىسىدىكى يېڭى مېخانىزمغا قاراش كېرەك. شيۇڭئەن يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ گويى شۇنداق دېدى: «تارقاقلاشتۇرۇش ئاددىي <ئورن يۆتكەش> ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق قايتا قۇرۇشتىكى <يولنى تەڭشەش>».

يېڭى ئېقىم جۇش ئۇرۇپ، گۈللەپ ياشنىدى. يېڭى شەھەر قۇرۇلۇشى يېڭى سەپەرگە ئاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ