

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاڭپىڭ رايونى بەيشەن بازىرىغا كېلىپ پايتەختتىكى خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىللە كۆچەت تىكمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ياخشى ئېكولوگىيەدىن ھەممە كىشى ئورتاق بەھرىلىنىدۇ، شۇنداقلا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئورتاق بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن جەمئىيەتنى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، بىپايان زېمىنغا گۈزەللىك قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك.
پايتەخت بېيجىڭدا ئىللىق باھار شامىلى چىقىپ تۇراتتى، بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، چاڭپىڭ رايونى بەيشەن بازىرىغا كېلىپ، كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە خالىسانە كۆچەت تىكىشكە قاتناشتى.
كۆچەت تىكىش نۇقتىسى باغچە قۇرۇشقا پىلانلانغان يەر بولۇپ، باغچە پۈتكەندىن كېيىن ئاممىنى ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆچەت تىكىۋاتقان كادىرلار، ئامما بەس - بەستە باش شۇجىدىن قىزغىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، گۈرجەكنى كۆتۈرۈپ كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىغا بېرىپ، نەق مەيداندىكى بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم كادىرلار، ئامما، پىيونېرلار بىلەن بىرلىكتە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
گۈرجەك بىلەن توپا ئۇسۇش، توپا يۆلەپ قىر چىقىرىش، سۇ ئەكىلىپ سۇغىرىش... شى جىنپىڭ ئارقا - ئارقىدىن قىزىل قوۋزاقلىق قارىغاي، بېيجىڭ مودەنگۈلى، يۈيېمېي، دۇجۇڭ، يۈەنباۋفېڭ قاتارلىق كۆپلىگەن كۆچەتلەرنى تىكتى. ئۇ كۆچەت تىككەچ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئەمگەك قىلىپ چېنىقىش ۋە كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىش ئەھۋالىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياش - ئۆسمۈرلەر خۇددى كىچىك كۆچەتلەرگە ئوخشاش ھاياتىي كۈچكە ۋە ئۈمىدكە تولغان، كىچىكىدىن باشلاپ ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، بىلىمنى، ئەمگەكنى، تەبىئەتنى سۆيۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىپ، تىرىشىپ ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرەك. نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولۇپ، ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولغانىدى.
شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئورمان كۆلىمى ۋە ئورمان زاپاس مىقدارى سىجىل «قوش ئېشىپ»، چۆللىشىپ كەتكەن ۋە قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمى سىجىل «قوش ئازىيىپ»، دۇنيا بويىچە يېشىللىق ئەڭ كۆپ، ئەڭ تېز كۆپەيگەن دۆلەت بولۇپ قالدى، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇش دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى. يېقىندا، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى ئېلان قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىق ئۇلىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە، قەتئىي ئىرادە بىلەن، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، كۈچ ئۇلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۆلەت ۋە خەلققە پايدىلىق بۇ چوڭ ئىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا ئومۇمىي خەلق خالىسانە كۆچەت تىكىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەت زېمىنىنى يېشىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كۆچەت تىكىش بىلەن پەرۋىش قىلىشنى تەڭ تۇتۇش، ئېكولوگىيە بىلەن كەسىپنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش، ئادەم بىلەن تەبىئەت بىللە ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېشىللاشتۇرۇش بوشلۇقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، يەرگە قاراپ يېشىللىقنى بېكىتىپ، سۇغا قاراپ يېشىللىقنى بېكىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېشىللىقنى كۆپەيتىش ئىشىنى ياخشى قىلىپ، دەرەخ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە دەرەخ ئۆستۈرۈش، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ پەرۋىش قىلىش - ئاسراشنى كۈچەيتىپ، رايونغا ۋە تۈرگە ئايرىپ ئورماننى ئىمكانىيەتلىك سىجىل باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوتلاقنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان ۋە ئوتلاقنىڭ سۈپىتى، ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېشىللاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك. ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئايلاندۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئورمان ۋە ئوتلاق كەسپىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي قىممەت ۋە ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنى يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، بوش يەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى يېشىل يەرنى كۆپەيتىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ يېشىللىققا ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.
بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى قاتارلىقلار كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ