
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۇنيا سانلىق مەلۇمات تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىگە تېز سۈرئەتتە قەدەم قويماقتا، سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاساسىي بايلىقلىق رولى ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىكى موتورلۇق رولى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. دۇنيا سانلىق مەلۇمات تەشكىلاتى «سانلىق مەلۇمات ھاڭىنى تولدۇرۇش، سانلىق مەلۇمات قىممىتىنى قوزغىتىش، رەقەملىك ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش»نى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، سانلىق مەلۇمات خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۇنياۋى سانلىق مەلۇماتنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سانلىق مەلۇمات تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە سانلىق مەلۇماتنى ئىدارە قىلىش قائىدىسىگە بولغان ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، سانلىق مەلۇمات پايدىسى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ.
دۇنيا سانلىق مەلۇمات تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، باش تېمىسى «سانلىق مەلۇمات ھەمكارلىق سۇپىسىنى ئورتاق قۇرۇش . رەقەملىك تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش». بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى دۇنيا سانلىق مەلۇمات ساھەسىگە ئالاقىدار كارخانا، ئالىي مەكتەپ، ئاقىللار ئامبىرى، خەلقئارا تەشكىلات، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ