
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دېنىس. ساسسۇ. ئىنگېسوغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كونگو(بىراززاۋىل)نىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. مەن جۇڭگو - كونگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ساسسۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - كونگو يۇقىرى سەۋىيەلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ