رۇسىيەنىڭ بىر تىرانسپورت ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ 29 ئادەم قازا قىلدى

2026.04.01 15:07 مەنبە: خەلق تورى

رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ «ئەن-26» تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئالتە نەپەر ئايروپىلان خادىمى ۋە 23 نەپەر يولۇچىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

خەۋەردە رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جاي بېكىتىلدى، ھادىسىنىڭ سەۋەبى دەسلەپكى قەدەمدە تېخنىكىلىق كاشىلا دەپ ھۆكۈم قىلىندى. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايروپىلان تاغ جىنسىغا سوقۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئايروپىلان تاشقى ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغان، چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن قىرىمدا ئىكەن.

رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ ئايروپىلان 3-ئاينىڭ 31-كۈنى قىرىم ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ھەمدە شۇ كۈنى سائەت 18 ئەتراپىدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ