
لوس ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 2028-يىللىق لوس ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېلىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ ئاممىغا سېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
لوس ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئېلان قىلغان بېلەت ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، لوس ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتىگە چەك تارتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تاماملىغان ئابۇنىچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانما ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان لوس ئانژېلېس ۋە ئوكلاخوما شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەر 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئالدىن سېتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ؛ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، بېلەتكە چەك تارتىشقا قاتنىشىپ تىزىمغا ئالدۇرغان باشقا ئابۇنىچىلار ئىچىدە، ئىختىيارىي تاللانغان تاماشىبىنلار تۇنجى نۆۋەتلىك بېلەت سېتىۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.
لوس ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رېنائۇلد خوۋېر مۇنداق بىلدۈردى: تەشكىلىي كومىتېت پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۆتۈرۈلگەن مۇسابىقە كۆرۈش قىزغىنلىقىدىن ھاياجانلاندى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ