شىنجاڭ 2026 - يىللىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا ياردەم پۇلى بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى

2026.04.01 14:56 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ 2026 - يىللىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ھەقىقىي تۈردە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇلىدىكەن.

ياردەم پۇل دائىرىسى ئالتە چوڭ تۈردىكى ئاساسىي ئېقىم ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى قاپلايدۇ، بۇ، بۇستارتقۇ، يېقىلغۇ گاز ئوچىقى، سۇ تازىلىغۇچ، توك قازان، مىكرو دولقۇنلۇق پار دۇخوپكا (مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، دۇخوپكا، پار دۇخوپكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» بويىچە توك بىلەن ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى ھەر تەرەپلىمە قاندۇرىدۇ.

بۇ قېتىمقى ياردەم پۇلى بېرىش ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى(يۈنشەنفۇ APPسى)نى بىرتۇتاش ئىشلىتىش ئارقىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئىستېمالچىلار پەقەت بۇ سۇپا ئارقىلىق ياردەم پۇلى سالاھىيەت بېلىتى ئالسىلا بولىدۇ، پائالىيەتكە قاتناشقان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىدىن ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا، چىقىم قىلىش ھالقىسىدا ئۆلچەم بويىچە باھانى كېمەيتىش ئېتىبارىدىن بىۋاسىتە بەھرىمەن بولىدۇ، ئارتۇقچە ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ھاجەتسىز بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

ئىستېمالچىلار ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا، سېتىش باھاسىدا باھانى كېمەيتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، تۈرلۈك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېتىبارىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى پۈتۈشۈش باھاسى بويىچە، %15 نورمىلىق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەربىر ئادەمگە ھەربىر تۈردىكى مەھسۇلاتتىن پەقەت بىرىگىلا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» بويىچە توك بىلەن ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەربىرىگە بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ياردەم پۇلى 1500 يۈەندىن ئاشمايدۇ، قالغان بەش تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەربىرىگە بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ياردەم پۇلى 1000 يۈەندىن ئاشمايدۇ، ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، مالىيە مەبلىغىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ياردەم پۇلى مەبلىغىدە ئومۇمىي مىقدارنى كونترول قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، ئاۋۋال كەلگەنلەر ئاۋۋال ئېرىشىدۇ، سوممىسى ئىشلىتىلىپ بولغاندىن كېيىن توختىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ