
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. جۇڭگو تەرەپ ئىراننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئۇرۇشتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن قاتتىق ئېچىنىدۇ، ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنى ھەربىي ھەرىكەتنى دەرھال ئومۇميۈزلۈك توختىتىپ، سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىشنى تېزدىن باشلاپ، ئەسلىدە يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان بۇ ئۇرۇشنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ