مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى «ئون چوقۇم»نى ئايدىڭلاشتۇردى

2026.04.01 15:06 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «مەكتەپ تامىقى»نى مەخسۇس تۈزەش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى <ئون چوقۇم>»، «مەكتەپ ئاشخانا خىزمەتچىلىرى < ئوننى قىلماسلىق>»نى بېسىپ تارقاتقان.

«مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى <ئون چوقۇم>»دا يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى چوقۇم قانۇن بويىچە ئېلىش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پىرىنسىپىدا چوقۇم چىڭ تۇرۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاشخانا كەسىپكارلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەش-باھالاشنى چوقۇم قاتتىق قانات يايدۇرۇش، يېمەكلىك خام ماتېرىياللىرىنى چوقۇم بەلگىلىمە بويىچە سېتىۋېلىش، مال كىرگۈزۈشتە تەكشۈرۈش خاتىرىسى تۈزۈمىنى چوقۇم ئىجرا قىلىش، يۇقىرى خەۋپلىك يېمەكلىكلەرنى ياساش ۋە سېتىشنى چوقۇم قاتتىق مەنئى قىلىش، يېمەك-ئىچمەك سايمانلىرىنى چوقۇم بەلگىلىمە بويىچە يۇيۇپ دېزىنفېكسىيە قىلىش، تاماق ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقتا چوقۇم چىڭ تۇرۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەسىنى چوقۇم بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئون تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى <ئون چوقۇم>» بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان ئاشخانىلار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلسا بولمايدۇ، ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويغان يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانىلىرىنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىشكە ياكى تىجارەتنى ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئاشخانىلىرىنىڭ سوغۇق گۆشلۈك يېمەكلىك، خام يېمەكلىك، سوغۇق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن پېچىنە-پىرەنىك ياساپ سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، يېسسى پۇرچاق، يېڭى چېچەكسەي، ياۋا موگۇ، بىخلانغان ياڭيۇ قاتارلىق يۇقىرى خەۋپلىك يېمەكلىكلەرنى ياساپ سېتىشىغا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ