ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: جورىسىنىڭ نورمال ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشىنى ئۇزاق مۇددەت چەكلەپ دەخلى-تەرۇز پەيدا قىلىش ئائىلە زوراۋانلىقىغا كىرىدۇ

2026.04.01 15:05 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشقا دائىر بىر تۈركۈم تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى. 2-دېلو مىسالىدا، جاۋ XX جورىسى ۋاڭ XX تىن سەۋەبسىز گۇمانلانغان ھەمدە ئۇرۇش، ھاقارەتلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋاڭ XXنىڭ يات جىنىسلار بىلەن نورمال ئۇچرىشىشىنى چەكلىگەن، بۇ ۋاڭ XXنىڭ تەن ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىپ، ۋاڭ XXكە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن دەخلى-تەرۇز پەيدا قىلغان، بۇ ئائىلە زوراۋانلىقىغا كىرىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ كېسىم چىقىرىپ، جاۋ XXنىڭ ۋاڭ XX نى ئۇرۇشى، تىللىشى، ھاقارەتلىشىنى، جاۋ XXنىڭ ۋاڭ XX نىڭ نورمال ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى چەكلىشىنى مەنئى قىلغان. كېيىن ئىككى تەرەپ دەۋالىشىپ ئاجراشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ