
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇڭ تاۋ 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جېڭ لىۋېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، كۆپ قېتىم چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ زىيارەتتە بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەنىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن گومىنداڭ پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەن بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن شۇنى ئېلان قىلىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭ رەئىس جېڭ لىۋېننىڭ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە جياڭسۇ، شاڭخەي، بېيجىڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالدى ھەم تەكلىپ قىلدى.
سۇڭ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: بىز گومىنداڭ پارتىيەسى تەرەپ بىلەن رەئىس جېڭ لىۋېننىڭ زىيارەتكە كېلىش ئىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىمىز.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەيبېي، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭ ياڭ، جياڭ جياڭ) جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى رەئىس ئىشخانىسى 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭ رەئىس جېڭ لىۋېننى ئۆمەك باشلاپ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، رەئىس جېڭ لىۋېن رەھمەت ئېيتتى ھەم تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ