
3-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭG581 لىنىيەسىنىڭ قەشقەر ـ ئۇلۇغچات تاشيول قۇرۇلۇشى تۈر بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە،G581 لىنىيەسىنىڭ قەشقەر ـ ئۇلۇغچات تاشيولىنىڭ يول ئۇلى قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، يول يۈزى قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىرگەن، 12-ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلاش پىلانلانغان.
2025-يىل 7-ئايدا، G581 لىنىيەسىنىڭ قەشقەر-ئۇلۇغچات تاشيولىدا ئىش باشلانغان، قۇرۇلۇش مۇساپىسى 53.43 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ تۈر قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بار 1-دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ