
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھاۋالىلىك باشقۇرۇش بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى شىمىگۇ دوختۇرخانىسى»نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، كېلىشىم ئىمزالاش ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىدىكى ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ