
3-ئاينىڭ 30-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى بېيجىڭدا 2026-يىلى 1-پەسىللىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن تىپلار توردا كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى، جايلارنىڭ قانۇن بويىچە ئېتىراپ قىلىشى ۋە يوللاش پىكرىگە ئاساسەن، ئۇنىۋېرسال باھالاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن 64 نەپەر ئەزىمەت ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەقدىرلەندى ۋە مۇكاپاتلىنىپ ھال سورالدى.
بۇ پەسىللىك تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەردىن ليۇ ۋېي، جاڭ سىشى، جياڭ چېڭگېن، شې جيەنجۇڭ، لى چۇەن، ئەمەر ياقۇپ قاتارلىقلار خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى بويسۇندۇرغان؛ فېڭ دۇڭشيا، سۇڭ مىڭجيې، چىن شياۋپېي، جاڭ شياۋپىڭ، ليۇ گۇييۈەن، تەن لېي، دېڭ زىلۇڭ قاتارلىقلار قەھرىتان سوغۇق، مۇز دەريا، پارتلاش، ئوت ئاپىتى قاتارلىق ھايات-ماماتلىق خەۋپ-خەتەر ئالدىدا، ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ، خەتەرنى تۈگەتكەن. جىن چېڭلۇڭ، جاڭ فۇچېن، سۇڭ يۈجۈن، مەمەتئېلى ھىمىت، مەتقادىر مەتياسىن خەتەرلىك، جىددىي پەيتتە ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلق ئاممىسىنى قوغداۋاتقان دەقىقىدە ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.
ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭخۇا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. 2022 ـ يىل 9 ـ ئايدىن بۇيان، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكى 13 قېتىم ئېلان قىلىندى، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن 721 نەپەر ئەزىمەت ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەقدىرلەندى ۋە مۇكاپاتلاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ