باش ئىشتابى بېيجىڭدا تەسىس قىلىندى! دۇنيا سانلىق مەلۇمات تەشكىلاتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2026.03.31 16:09 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ دۇنيا سانلىق مەلۇمات تەشكىلاتىنىڭ تەييارلىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۇنيا سانلىق مەلۇمات تەشكىلاتى بېيجىڭدا 1-قېتىملىق ئەزالار يىغىنى ئېچىپ، تەشكىلات نىزامنامىسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، تۇنجى نۆۋەتلىك كېڭەش ئەزالىرى، نازارەتچىلەرنى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن. يېڭىدىن سايلانغان تۇنجى نۆۋەتلىك كېڭەش 1-قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، تەشكىلات مەسئۇلىنى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن، تەشكىلاتنىڭ مۇھىم تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلىرىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان، بۇ، دۇنيا سانلىق مەلۇمات تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ دۇنيا بويىچە سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتى ۋە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى كەسپىي خەلقئارا تەشكىلات بولۇپ، باش ئىشتابى بېيجىڭدا تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ